شۇ يەر ۋاقتى 4-يانۋار كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «2024-يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئاساسلىق دوكلاتىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ 2023-يىلدىكى %2.7 تىن 2024-يىلى %2.4 كە تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوكلاتتا 2024-يىلى پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلىشىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقى، ئەمما ئەمگەك بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا تەكشى ئەمەسلىكى كۆرسىتىلدى. دۇنيا مىقياسىدا پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقى، 2023-يىلدىكى %5.7 تىن 2024-يىلى %3.9 گە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. قانداقلا بولمىسۇن، نۇرغۇن دۆلەتلەر يەنىلا زور باھا بېسىمىغا ۋە گېئوسىياسىي توقۇنۇشلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
(مەنبە: CCTV خەۋەرلىرى)
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى









